Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوخېنستائۇفېن سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
سىتائۇفىن خاندانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ فىئوداللىق خاندانلىقى(1138-1254) بۇ خاندانلىقنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ جەمەتى ئەسلىدە خوخېنىستائۇفېن ياكى سىتائۇفېن(بۈگۈنكى فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ بادېنۋيۇرتېمبېرگ ئوبلاستنىڭ چىگرىسى ئىچىدە) دە ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان.ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە شىمالى ئىتالىيىگە كەينى كەينىدىن تاجاۋۇز قىلغان لومباردىيە ئىتتىپاقى ۋە رىم پاپاسى بىلەن توقۇنۇشقان بولسىمۇ لېكىن مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان؛ يەنە قۇدا بولۇشۇش ئارقىلىق 1189-يىلى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى(تاكى 1268-يىلغىچە)نى قوشۇۋالغان؛گېرمانىيە زېمىنىنىڭ تەبرىقىچىلىك ھالىتى كۈنسايىن ئەۋج ئالغان. تارىختا ئۆتكەن كورۇللار ۋە ئۇلارنىڭ تەخىتتە تۇرغان يىللىرى؛ كونراد (1138-1152)فرېدرىخ (قىزىل ساقال، 1152-1190)ھېنرى (1190-1197)فرېدرىخ (1215-1250)كونراد (1250-1254).