Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوتەندىكى دىنىي مۇنازىرە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قاراقىتان دەۋرىدىكى خوتەندىكى دىنىي مۇنازىرە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇرۇن خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، كېيىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك 1211 - يىلى قاراقىتان سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئەسكەر باشلاپ خوتەنگە يۈرۈش قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشىنى چەكلىدى. مەلۇم بىر كۈنى ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى مەيداندا توپلىنىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرلىشىشكە بۇيرۇدى. يىغىلىشقا ئۈچ مىڭ ئىمام كەلدى. يىغىلىشتا كۈچلۈكخان نېستورى دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇكەممەللىكىنى تەكىتلىدى. ئىمام ئەلائىددىن مۇھەممەد ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى. مۇنازىرىدە يېڭىلگەن كۈچلۈكخان قاتتىق غەزەبلىنىپ، ئەلائىددىن مۇھەممەدنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئۇنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىپ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقتىن ئۇنى مەدرىسە (بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە مەسچىت) نىڭ دەرۋازىسىغا مىخلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلار قاتتىق نارازى بولدى. چىنگىزخان 1218 - يىلى جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈكخانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. مۇسۇلمانلار موڭغۇل قوشۇنىغا قارشلىق كۆرسەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈكخان مەغلۇپ بولدى.