Uyghurئاساسىي لۇغەت
خوش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئۈندەش سۆز.
خەير خوش، خەير ئەمىسە.
خوش، ئەمىسە كەتتىم. ئەتە يەنە كېلىمەن.
ياشلىق ئۆتتى « خوش » دېگىنى يوق،
قېرىلىق يەتتى « توختا » دېگىنى يوق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق سۆز
1. لەۋەي ( لەببەي <) بىراۋ چاقىرغاندا ياكى بىرەر ئىشقا بۇيرىغاندا « مانا مەن، مەن تەييار » مەنىسىدە ئېيتىلىدۇ:
« خۇش » دەپ تۇرماق.* قېنىسەن؟ خوش، مانا مەن.
2. ئۈندەش سۆز. جۈملىنىڭ بېشىدا، قارشى تەرەپنى سۆزگە سېلىش ئۈچۈن ئېيتلىدۇ. ئەمىسە. خوش، بازاردا نېمە گەپلەر بار؟ * خوش، سىز نېمىشقا شۇنچە ئالدىراپ قالدىڭىز؟
3. ئېيتىلغان سۆزلەر يەكۈنلەش، تەكىتلەش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ. خوش، مۇنداق دەڭ، ئاخىر كېتىدىغان بوپسىز _ دە.
4. سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىگە قوشۇلغانلىقنى بىلدۈرۈپ « ماقۇل »، « ھەئە »، « شۇنداق » دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. خوش ئېيتقانلىرى كەلسۇن.
5. بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە تەكلىپ قىلىپ ئېيتىلىدۇ: قېنى بولمىسا. خوش، تاماققا باقسىلا.* خوش، ئىچەيلى.* خوش، ئىچسەڭ، ئىچتۇق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تەكەللۇپ سۆز، بىللە تۇرغانلار ئايرىلىشقاندا ئېيتىلىدۇ؛ يەنە كۆرۈشەرمىز.
خۇش كەپسىز، مەرھابا
تەكەللۇپ سۆز، مېھمانغا قارىتا ئېيتىلىدۇ؛ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن.
خۇش كەپسىز، ئەزىز مېھمان. مەرھابا، مەرھابا، تۆرگە ئۆتسىلە. خەير، يەنە كۆرۈشەرمىز. خۇش ئەمىسە، كەلگەن قەدەملىرىگە رازى بولسىلا. خەير - خوش، پات - پات كېلىپ تۇرسىلا. ياشلىق ئۆتتى >خوش< دېگىنى يوق، قېرىلىق يەتتى، >توختا< دېگىنى يوق. ھاراققا >سالام< دېسەڭ، ئەقىلغا >خەير - خوش< دە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ماقۇللۇقنى بىلدۈرىدۇ.
خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن. ئالدىرىغاندا « لەۋەي » تېپىلماپتۇ. ماقۇلغا جاۋاب يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوشلاشقاندا، سەپەرگە چىققاندا، ئايرىلىشتا ياخشى تىلەك بىلەن ئېيتلىدۇ.
« ئەلۋىدا » كەتسە كەلمەيدىغان مەنىدە ئېيتىلىدۇ.
« خەير » قىسقا، بىر بوغۇملۇق ھەم ئەپلىك تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ياشلىق ئۆتتى، « خوش » دېگىنى يوق، قېرىلىق يەتتى، « توختا » دېگىنى يوق. ھاراققا « سالام » دېسەڭ، ئەقىلگە « خوش ئەمىسە » دە. خەير بۇرادەرلەر، يەنە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار! خەير خوش، ئەزىز يۇرت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىستۇرما سۆز: جۈملە ئالدىدا كېلىپ، سۆزلىگۈچىنى سۆزلەپ بېرىشكە، تاماق يېيىشكە، ئىچكۈلۈك ئىچىشكە ئۈندەيدۇ.
_ خوش، يەنە نېمە گەپلەر بار؟ قېنى، سۆزلە، قايسى كۈنى كەلدىڭ؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىجابىي جاۋاب.
ياق، يوقسۇ، يوق
ئىنكار جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئىم >خەير<، >يەنە كۆرۈشەرمىز<، >سالامەت بولۇڭ< دېگەن مەنىلەردىكى خەيرىلىشىش فورمىسى.
قاچقۇن بىر ئاز بىتاقەت بولۇپ، - خوش، ھازىرچە خوش، مەن ئالدىرايمەن، - دېدى - دە، يولىغا راۋان بولدى.
يۈك. ئاساسەن جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، >قېنى<، >قېنى ئەمىسە<، >ئۇنداقتا< دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
- خوش، قانداق ياخشى خەۋەرلەر بار قادىر؟ - دەپ سورىدى باشلىق ئۇنىڭدىن.
يۈك. قارشى تەرەپكە قارىتپ ئېيتىلغاندا >مەرھەمەت<، >قېنى< دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
خوش، مېھمانلار، ئاشقا باقايلى.
ئىم. قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇش پوزىتسىيىسىنى يەنى >بولىدۇ<، >ھەئە<، >شۇنداق< دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ: - يىلىغا 360 يۈەن تاپشۇرىسەن، - دېدى - ماقۇل، - دېدىم. ئاشنى نەق پۇلغا ئالىسەن، - دېدى، خوش، - دېدىم.
يۈك. سۆزلىگۈچىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۆز سۆزلىرىنى خۇلاسىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، >گەپنىڭ قىسقىسى<، >يىغىپ ئېيتقاندا< دېگەنگە ئوخشاش سۆز - ئىبارىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خوش، شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ئەتە ماڭىدىغان بولدۇق - دە.