Uyghurئاساسىي لۇغەت
خونتا كوتارو
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1954) ياپونىيە فىزىكا ئالىمى، فىزىكا پەنلىرى دوكتورى. 1892 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇغان. 1911 - يىلى شەرقىي شىمال ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، فىزىكىلىق مېتاللورگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1916 - يىلى مەزكۇر مەكتەپتە ۋاقىتلىق فىزىكا - خىمىيە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، كۈچلۈك ماگنىتلىق پولات، KS تىپلىق پولاتنى ئىجاد قىلغان. 1931 - 1940 - يىللىرى شەرقىي شىمال ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1940 - 1943 - يىللىرى توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1937 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن.