Uyghurئاساسىي لۇغەت
خولت
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1946) ئامېرىكا پىسخولوگى، پەيلاسوپى. يېڭى چىنلىق نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. 1901 - يىلى خارۋارد داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئانا مەكتىپىدە ۋە پرىنىستون داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. پان ئوبيېكتىپچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ماتېرىيالىزملىق ئىنكاس نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. تۇيغۇ، سەزگۈ، تەسەۋۋۇر ۋە ئۇقۇملارنىڭ چىن ياكى يالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئوبىيكتىپ مەۋجۇدىيەت دەپ قارىغان. رېئال نەرسىنى خىيالىي نەرسە بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ پەرقى يوققا چىقارغان؛ نىسپىيچىلىك ۋە ئوبىكتىپ ئىدېئالىزمنى تەرغىپ قىلغان. <ئاڭ ھەققىدىكى ئۇقۇم>، <خاتا تۇيغۇ تەجرىبىسىنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.