Uyghurئاساسىي لۇغەت
خىمار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
( بۇنى قازاقلار كىيمچەك _ چىلاۋۇش دەيدۇ ) جۇڭگودىكى خۇيزۇ، قازاق مۇسۇلمان ئاياللىرى بېشىغا سالىدىغان لىچەك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن چېچى، قۇلىقى، بوينى يېپىلىپ، يۈزى ئوچۇق تۇرىدۇ. قىزلار يېشىل خىمار سالىدۇ، چوكانلار قارا خىمار سالىدۇ. بۇلار سالغان خىمار سەل قىسقا بولىدۇ. بەزىلەر خىمارنىڭ چۆرىسىگە كەشتە تىكىۋالىدۇ. چوڭ ياشلىق ئاياللار ئاق راختىن ئىشلىگەن ئۇزۇن خىمار سالىدۇ. خىمار ئۇلارنىڭ بىلىگىچە كېلىدۇ.