Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خلوروپلاستنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلىنىشى
بىئولوگىيە
叶绿体互补
yèlǜtǐhùbǔ
خلوروپلاست ئۆسۈملۈكىنىڭ يېشىل ھۈجەيرىسىدىكى فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىرسىيەت ماددىسى DNA بولىدۇ. DNA ئىرسىيەتلىك ئالامەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئويناپ، ئىگە بولۇش ياكى يېرىم ئىگە بولۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شالغۇت كۆممىقوناق خلوروپلاستنىڭ خىل ( Hill) رېئاكسىيىسى بىلەن ھالقىسىمان فوتوسىنتېزىق فوسفاتلىنىش رېئاكسىيىسى ئەجدادىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگۈچى شالغۇتنىڭ ئىككى ئەجدادىنى خلوروپلاستلىرىنىڭ ئارىلاشمىسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى فوتوخىمىيىلىك ئاكتىپلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى بايقالدى. يەنى خىل رېئاكسىيىسى ئىككى ئەجدادنىڭ مۇستەقىل ئاكتىپلىقىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى، ھالقىسىمان فوتوسىنتېزلىق فوسفاتلىنىشىمۇ ئەجدادنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ خلوروپلاستنىڭ ھايات تەنچە سىرتىدا ئۆز ئارا تولۇقلاش رولى بولىدىغانلىقىنى روشەن دەرىجىدە ئىسپاتلىدى. غەيرىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگۈچى شالغۇتنىڭ ئىككى ئەجدادنىڭ خلوروپلاستىدا ئۆز ئارا تولۇقلاش تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ. خلوروپلاستنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش رولىنىڭ مېخانىزمى توغرىسىدا نۆۋەتتە بايقالغىنى تېخى ئاز. مۆلچەرلىنىشىچە ئۆز ئارا تولۇقلىنىش رولىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىرسىيەت گېنىنىڭ خلوروپلاست پەردىسىگە بولغان تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئوخشاش بولمىغان ئۆز ئارا تەسىرلىشىشتىن بولىدىكەن. بۇ خىل ئۆز ئارا تولۇقلاش رولى ئېھتىمال خلوروپلاستنىڭ ئىرىسيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكنن. خلوروپلاستنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش رولىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، خلوروپلاست ئىرسىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ۋە سورت يېتىشتۈرۈش كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارغا يېڭى يول ئېچىپ بېرىدۇ.