Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
西印度院
دۇنيا تارىخى
غەربىي ئىندىئان مەھكىمىسى
ئىندىئان پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەيئەت مەھكىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي ئورگان. 1524 - يىلى رەسمىي قۇرۇلغان. 1542 - يىلىدىن باشلاپ دائىملىق ئورگىنى مادرىدتا تەسىس قىلىنىپ، بىۋاستە پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. بىر نەپەر چوڭ سوتچى،بىرنەچچە نەپەر كېڭەش پالاتاسى ئەمەلدارى، بىرنەپەر باش تەپتىش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن باشقا، بىرمۇنچە كاتىپ ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى بولغان. مەمۇرىي ۋە دىنىي ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، مالىيە كىرىم - چىقىمنى نازارەت قىلىش، مۇستەملىكىلەردىكى ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ بەلگىلەش، ئالاقىدار ئەرز دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش،ھەرخىل قانۇن ۋە قائىدىلەرنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولغان. 1680 - يىلى <غەربىي ئىندىئان قانۇن تۈرلىرى>نى توپلاپ نەشر قىلغان. 1790 - يىلىدىن كېيىن كۆپلىگەن ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنىپ، پادىشاھنىڭ مەسلىھەت ئورگىنىغا ئايلىنىپ قالغان. 1812 - 1814 - يىللىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن باشقا، 1834 - يىلى 3 - ئايغا كەلگەندىلابىكار قىلىنغان. جەمئىي 310 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.