Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
修昔底德
دائىرە: دۇنيا تارىخىشوسىيىدىدېس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 480 - 400) قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى. ئافىنادا تۇغۇلغان، كېلىپ چىقىشى ئاقسۆڭەك. تراكىيىدىكى ئالتۇن كان ئىگىسى. مىلادىدىن 431 يىل ئىلگىرى، پېلوپوننېس ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئارمىيىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 424 يىل ئىلگىرى، ئافىنانىڭ گېنرالى بولغان. شۇ يىلى تراكىيە فلوتىغا قوماندانلىق قىلغان، ئامپىيولىس شەھىرىگە ۋاقتىدا ياردەم قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. 20 يىلدىن كېيىن (مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى) ئافىناغا قايتىپ كەلگەن. 30 يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ماتېرىيال توپلاپ، سەككىز توملۇق <پېلوپوننېس ئۇرۇشى تارىخى>نى يېزىپ چىققان. مەزمونى ئۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، سەۋەبى ۋە جەريانى (مىلادىدىن 400 يىل ئىلگىرى)قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ راتسىئونالىزملىق روھ بويىچە تارىخقا مۇئامىلە قىلىپ، تەقدىرچىلىك كۆز قارىشىدىن تىرىشىپ ۋاز كەچكەن ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تارىخقا بولغان تەسىرى ھەمدە ۋەقەلەرنىڭ سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ماتېرىيالى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، قەدىمكى يۇنان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسالxiū xī dǐ dé
تۇتسىدىدى
GetWord كۇللىياتى
8〈〉
xiū xī dǐ dé
تۇتسىدىدى
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.