Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
休士
دۇنيا تارىخى
خۇگېس
(1862 - 1948) ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسى (1930 - 1941). جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن. 1881-يىلى ۋە 1884-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بىلان ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كوننىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. 1906 - 1910 - يىللىرى نيۇ - يورك شتاتىنىڭ مۇئاۋىن سوتچىسى بولغان. 1916-يىلى ئىستېپا بەرگەن. زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان. 1921 - 1925 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ، ۋاشىنگتون دېڭىز ئارمىيىسى ئارمىيىنى قىسقارتىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 1930-يىلى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باش سوتچىسى بولغان. ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا نىسبەتەن كونسېرۋاتىپراق پوزىتسىيىدە بولغان. پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قوغداپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئەدلىيە ھوقۇقىنى چەكلەپ <سانائەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇنى> غا قارشى تۇرۇپ <ۋاگىنىر قانۇنى> نى قوللاپ، روزۋېلتنىڭ سوتنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان.