Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
嗅敏度
پسىخولوگىيە
پۇراش سەزگۈسىنىڭ دەرىجىسى
پۇراق سەزگۈسىنىڭ مۇتلەق چېكى غىدىقلىغۇچنىڭ پۇراش سېزىمىنى قوزغىيالىغان مىقدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، پۇراقنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى پۇراش سەزگۈسىنى ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. بىر لېتر ھاۋادا پۇراقلىق جىسىمنىڭ مىللى گراملىق سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مىقدار پۇراش سەزگۈسىنىڭ كوئېففېنتسېنتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن : سۈنئىي ئىپارنىڭ پۇراش سەزگۈسى كوئېففېنتسېنتى 0.00004، بۇ بىر لېتر ھاۋادا پەقەت 0.00004 مىللىگرام جىسىم بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى كىشى پۇراپ بىلەلەيدۇ، بىر خىل نەرسىنىڭ پۇرىقىن سېزىش دەرىجىسى ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ، بىر كىشىنىڭ پۇراش سەزگۈسىنىڭ دەرىجىسىدىمۇ مۇھىت شارائىتى ۋە جىسمانىي ئەھۋالىغا قاراپ خېلى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.