Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希特勒
دۇنيا تارىخى
گىتلېر
(1889 - 1945). فاشىست گېرمانىيەنىڭ فيورىرى (دۆلەت باشلىقى، 1934 - 1945)، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئاۋسترىيىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تاموژنا ئەمەلدارى. لىنىس قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن ۋېنادا رەسىم سىزىش ۋە بىناكارچىلىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدە مىلادىشى سېرژانت بولغان. 1919 - يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى (بۇ پارتىيە ئىككىنچى يىلى مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيسى، يەنى ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە قاتناشقان ھەمدە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1921 - يىلى 7 - ئايدا بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پارتىيە كاتتىبېشى بولغان. 1923 - يىلدىكى پىۋىخانا تۇپىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرمىگە تاشلانغان. 1924 - يىلى 12 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى ناتسىتلار پارتىيىسىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىققان. 1933 - يىلى 1 - ئايدا، مونوپول گورۇھنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭلى بولغان. ئىككىنچى يىلى 8 - ئايدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە زۇڭلى دەپ ئاتىغان. پارلامېنتنى تارقىتىپ بارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. فاشىستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈپ، كوممۇنىستلار، ئىلغار زاتلار ۋە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى قىرغان ھەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. 1936 - يىلى بېرلىن - رىم ئوق مەركىزىنى قۇرۇپ، رېين غەيرىي ھەربىي رايونىغا بېسىپ كىرگەن، ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشقان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە، ياپونىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن. 1938 - يىلى گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. ئاۋسترىيىنى ۋە چېخوسلوۋاكىيەنىڭ سودېت رايونىنى يۇتۇۋالغان. 1939 - يىلى 3 - ئايدا پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغان. 9 - ئايدا پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1941 - يىلى 6 - ئايدا <سوۋېت ئىتتىپاقى - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى>نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بېرلىننى قورشىۋالغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆزىنىڭ <مېنىڭ كۈرەشلىرىم>، <گىتلىرنىڭ ئىككىنچى كىتابى> (1961 - يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىل شوۋىنىزم، قىساسچىلىق ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلغان.