Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
西斯托夫和约
دۇنيا تارىخى
سىستوۋا سۈلھ شەرتنامىسى
ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامە. 1788 - 1790 - يىللىرى ئاۋسترىيە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، بېلگىيىدە ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى ۋە پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىغا سەۋەب بولغان. ئاۋسترىيە قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 1790 - يىلى پرۇسسىيە بىلەن تۈزگەن <رېسېنباخ كېلىشىمى>گە ئاساسەن، روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان ھەمدە 1791 - يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سىستوۋا (ھازىرقى بۇلغارىيىدە)دا تۈركىيە بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالىغان. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئاۋسترىيە ئىگىلىۋالغان تۈركىيە خوجا يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.