Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
辛酉教案
دۇنيا تارىخى
شىنچيۇ يىلىدىكى دىن ۋەقەسى
1810 - يىلى (شىنچيۇ - توخۇ يىلى) چاۋشيەندىكى كاتولىك دىنىنى چەكلەش ۋەقەسى. لى سۇەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1776 - 1800)، كاتولىك دىنىنىڭ چاۋشيەنگە تارقىلىشىنى چەكلىگەن. 1795 - يىلى جۇڭگولۇق پاستېر جۈۋىنمۇ چاۋشيەنگە كېلىپ دىن تارقاتقان، مۇخلىسلىرى تېز كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئەدىب - ئالىملار ھەتتا خان جەمەتى ئاقسۆڭەكلىرى بولغان. لى گۇڭ (ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى چۈنزۇ، 1801 - 1804 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) تەختكە چىققاندىن كېيىن، قاتتىق پەرمان چۈشۈرۈپ ئۇنى تېخىمۇ چەكلىگەن. جۈۋىنمۇ ۋە <ئىنجىل>نى چاۋشيەن تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە كۈچەپ دىن تارقاتقان لى چىڭشۇن، لى جياخۇەن، دىڭ روجۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 50 - 60 كىشىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى سۈرگۈن قىلىنغان. بىراق شۇنىڭدىن كېيىن يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە دېگۈدەك تارقالغان.