Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
心音
بىئولوگىيە
يۈرەك تاۋۇشى
<يۈرەك ئاۋازى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۈرەك سوققان چاغدا يۈرەك كلاپانىنىڭ ئېتىلىشى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىدىن كېلىپ چىققان تەۋرىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ. پونىندوسكوپ بىلەن كۆكرەك دىۋارىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىدىن تىڭشىغاندا ئادەتتە ئىككى يۈرەك تاۋۇشىنى يەنى بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ۋە ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشىنى ئاڭلاشقا بولىدۇ. بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشىنىڭ ئىنتوناتسىيىسى تۆۋەنرەك، ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئاساسەن يۈرەك قېرىنچىسى قىسقىراشقا باشلىغاندا، قان ئېقىمىنىڭ شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇشى، دالانچە - قېرىنچە كلاپانىنىڭ ئېتىلىشى، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قايناملىشىپ يۈرەك قېرىنچىسىنى تەۋرىتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇش جايىدىن ئەڭ ئېنىق ئاڭلىنىدۇ. ئىككىنچى يۈرەك تاۋۇشىنىڭ ئىنتوناتسىيىسى يۇقىرىراق، ۋاقتى قىسقا بولۇپ، يۈرەك قېرىنچىسى كېڭىيىشكە باشلىغاندا ئائورتا تومۇرىنىڭ كلاپانى بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانىنىڭ تېز يېپىلىشى نەتىجىسىدە قان ئېقىمىنىڭ چوڭ ئارتېرىيە تۈۋى قىسىمىغا ئۇرۇلۇشى ھەمدە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ داۋالغۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىككىنچى قوۋۇرغىنىڭ تۆش سۆڭەككە يېقىن جايىدىن ئەڭ ئېنىق ئاڭلىنىدۇ. يۈرەك تاۋۇشىنى ئاڭلاش يۈرەك كلاپانىنىڭ فۇنكىسىيىگە دىئاگنوز قويۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈرەك كلاپانى زەخىملەنسە، تار بولسا ياكى يېپىلىشى تولۇق بولمىسا يۈرەك تاۋۇشىدا نورمالسىزلىق ھاسىل قىلىپ غەيرىي تاۋۇشلار پەيدا بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ئارقىلىق يۈرەك تاۋۇشىنىڭ تەۋرىنىشىنى ئېلېكتر ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ كۈچلۈك - ئاجىزلىق ئۆزگىرىشىنى چوڭايتىپ خاتىرىلەش ئارقىلىق كاردىئوفونوگرامما سىخېمىسىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. كاردىئوفونوگرامما نورمال يۈرەك تاۋۇشى ياكى غەيرىي تاۋۇشنىڭ ھاسىل بولۇش ۋاقتى ھەم مەزكۇر تاۋۇشنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى بىلەن ئامپلىتۇدىسىنى توغرا خاتىرىلەپ ئاڭلاپ دىئاگنوز توغرىلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھىم ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
xīn yīn
يۈرەك ئاۋازى دىئاگراممىسىDتەنتەربىيە
xīn yīn
يۈرەك ئاۋازى، يۈرەك تاۋۇشىDتېببىي
xīn yīn
يۈرەك تاۋۇشى، يۈرەك ئاۋازىDئۇنىۋېرسال
xīn yīn
يۈرەك تاۋۇشى