Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
新协和村
دۇنيا تارىخى
يېڭى ھەمكارلىق كەنتى
ئىنگلىزچە نېۋ خارمونىي (New Harmony). ⅨⅩ ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىسى ئوۋېن ئوتتۇرىغا قويغان غايىۋى جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتنىڭ تەجرىبە - ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كوممۇنىسى. 1824 - يىلى ئوۋېن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئىندىيانا شتاتىغا بېرىپ 30 مىڭ ئىنگلىز مو يەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كوممۇنا لايىھىسىنى سىناق قىلغان. <>يېڭى ھەمكارلىق< كوممۇنىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، كوممۇنىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى - بارلىق ئەزالارنى ئەقلىي، ئەڭ ياخشى ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ مال - مۈلۈك ئومۇمنىڭ ئىختىيارىدا بولۇش، كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىش؛ ھەر كىم قابىلىيىتگە يارىشا ئىشلەش، يېشىغا قاراپ گۇرۇپپىغا ئايرىش، ھەر بىر كىشىنى ئوخشاش مەھسۇلات ۋە تەربىيىگە ئىگە قىلىش؛ دېھقانچىلىق، سانائەت، سودا ۋە مائارىپنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، 500 كىشىدىن 3000 كىشىگىچە چەكلەش؛ دائىمىي رەھبىرىي ئورگان بولۇش، ئالىي ھوقۇق بارلىق ئەزالار يىغىنىدا بولۇشتن ئىبارەت. بۇ تەجرىبىگە 1000 ئادەم قاتناشقان. ئۇ، ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋراوپانىڭ كەڭ دىققەت - ئېتىبارىن قوزغىغان. 1828-يىلى تەجرىبە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئوۋېن ئىككىنچى پائال يولغا قويغان بولۇپ، لوندون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تەخمىنەن 300 ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولغان. 3218-يىلىغا كەلگەندە، كۆپىيىپ 400 - 500 گە يەتكەن. 1832 - 1834-يىللاردا كوممۇنا تۈزۈمىگە ئۆتۈش ئۈچۈن، ئوۋېن ئەنگلاخيىدە ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي تەجرىبە ئېلىپ بارغان: ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھەمكارلىق زاۋۇت قۇرغان؛ ئوبوروت ساھەسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ئەگەكنى ئادىل ئايرىۋاشلاش بازىرىنى قۇرغان. لېكىن يەنىلا مەغلۇپ بولغان. 1839-يىلى ئوۋېن ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە ئەنگلىيىنىڭ خامپ ۋىلايىتىدىكى كېنۋۇد دېگەن يەردە بىر يېڭى ئۈلگىلىك كوممۇنا ئورمانلىقى يېڭى كەنتى( دەپ نام بەرگەن. 1845-يىلى ئۇمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.