Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
新史学派
دۇنيا تارىخى
يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى
ھازىرقى زامان ئامېرىكا بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. ئۇنى ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس روبىنسون بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <يېڭى تارىخشۇناسلىق> تا بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشىنى شەرھلىگەن: (1) تارىخنىڭ دائىرىسىنى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگىچە كېڭەيتىش؛ (2) تارىخىي پاكىتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش؛ (3) تارىخىي ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرى بىلەن كۆزىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى دەپ قاراش؛ (4) تارىخشۇناسلىقنىڭ رولى ئۇنىڭ بىزنىڭ ھازىرقىنى چۈشىنىشىمىز ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىدا؛ (5) تارىخىي بىلىمدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت. روبېنسون كولومبىيە داشۆسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تەسىرى بار ئىلمىي ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى بېرىد، شودۋېل، خايېس (1882 - 1964)، موئون (1892 - 1936)، بارنېس (1889 - 1968)، سارىندىكى (1882 - 1965) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر ئىلمىي ئېقىم ئامېرىكىنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ئالغان بولۇپ، كونا جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىگىمۇ خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.