Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
新模范军
دۇنيا تارىخى
يېڭى نەمۇنىلىك ئارمىيە
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى ئىنقىلابىي ئارمىيە. كرمېۋىلنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 1645 - يىلى پارلامېنت ئارمىيىسىدىن بىر تۇتۇش تەشكىل قىلىنغان. كرمېۋىلنىڭ ئاتلىق ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان. ئۇنىڭغا فايرفاكىس (1612 - 1671) باش قوماندان بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كرمېۋىل رەھبەر بولغان.060 كىشىلىك ئاتلىقلار پولكىدىن 11، 1200 كىشىلىك پىيادە ئەسكەرلەر پولكىدىن 12، 1000 كىشىلىك ئەجدىھا ئاتلىق پولكىدىن بىر بولۇپ، جەمئىي 22 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن يەنە توپچىلار قىسمىنى قۇرغان ھەمدە ياخشى تەمىنات تۈزۈمىنى ئورناتقان. جەڭچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلار بولۇپ، مۇستەقىللىك تەرەپدارلىرىغا مايىل بولغان. باراۋەرلىك تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىمۇ خېلى زور. ئۇلارنىڭ جەڭ قىلىش مەقسىتى ئېنىق، ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى ئۈستۈن، ئىنتىزامى چىڭ، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك ئىدى. قايتا تەشكىل قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ناسېىي جېڭىدە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدىغان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا پادىشاھلىق ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 1649 - يىلى باراۋەرلىك تەرەپدارلىرى ۋە يەر قازغۇچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن بۇرژۇئازىيە ۋە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ دىكتاتۇرا قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.