Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
心理分析派心理学
پسىخولوگىيە
پسىخىك ئانالىزچىلار پسىخولوگىيىسى
(«روھىي ئانالىزچىلار پسىخولوگىيىسى» ياكى «فرېئودىزمچىلار پسىخولوگىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). غەربنىڭ ھازىرقى زامان پسىخولوگىيىسى بىلەن تېببىي پسىخولوگىيىنىڭ ئاساسىي ئېقىملىرىنىڭ بىرى. بۇ ئېقىم19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاۋستىرىيىدە پەيدا بولدى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسچىسى ئاۋستىر ىيىلىك س. فرېئود بولۇپ، ئۇ روھىي كېسەللىك دوختۇرى ئىدى، ئۇ روھىي كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش ئاساسىدا بۇ ئىلمىي ئېقىمغا ئاساس سالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بىر خىل پەن ھەم بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، تىبابەتچىلىك بىلەن يېقىن باغلىنىشنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي تەتقىقات ئوبيېكتى ئاڭسىز روھىي جەرياندىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ جەرياننى بىر ئالاھىدە روھىي ساھە، ئۇنىڭ ئىچىگە تورمۇزلانغان ئۈمىد يوشۇرۇنغان. بۇ خىل ئۈمىد ئادەم ھەرىكىتىنىڭ ھەققىي مۇددىئاسى، روھىي كېسەللىكنىڭ ھەققىي سەۋەبى. بۇ ئادەتتە چۈش، تىلدىن قېلىش (گەپ قىلالماسلىق) ياكى ئىختىيارسىز ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئەركىن ئاسسوتسىئاتسىيىلەر ئارقىلىق روھنى ئانالىز قىلىش بىلەن ئاڭسىزلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئۈمىدنى ئاشكارىلىغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روھىي كېسەللىك ھالەت تۈزۈلۈپ كېتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. فرېئود
بۇ خىل ئۈمىدنى ئادەمنىڭ جىنسىي تەلەپ تۈپەيلىدىن ھاياجانلىنىشىغا تاقاپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن جىنسىي تۇغما قابىلىيەتنى كىشىلەر ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر مۇھىم مۇددىئاسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭچە، ئادەمنىڭ بارلىق ھەرىكىتىدە جىنسىي تەلەپ تۈسى بار ئىمىش، روھىي كېسەللىكنىڭ سەۋەبىدىن تاكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەدەنىيەت، سەنئەت پائالىيەتلىرىگىچە، بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئىمىش ھەرىكىتىدىن تاكى دىنىي ئەمرى - مەرۈپ، قانۇن ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەسمىش. فرېئودنىڭ بۇ خىل جىنسىي تەلەپچىلىكىگە ئۇنىڭ بىر مۇنچە شاگىرتلىرىمۇ قوشۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسىسى ئۆز يولىغا كېتىشكەن، بۇ ئېقىمنىڭ نۇرغۇن نەزىيىلىرى ئەپسانىۋى رىۋايەت ۋە سوبيېكتىپ قىياسلارغا ئاساسلانغان، خېلى زور قىسمىنى كونكرېت ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.