Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
新火星派
دۇنيا تارىخى
يېڭى ئىسكراچىلار
لېنىن چىقارغان <ئىسكرا گېزىتى> نىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان مېنشېۋىك ئاغمىچىلىق مەزھىپىنىڭ نامى. <ئىسكراچىلار> غا نىسبەتەن ئېيتىلغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مېنشېۋىكلار پارتىيىگە قارشى گۇرۇھۋازلىق ھەرىكىتىنى تېزلىگەن. ئۇلار پلېخانوپنىڭ ياردىمى بىلەن <ئىسكرا گېزىتى> نى تىزگىنلەپ، 1903-يىلى 11-ئايدا لېنىن چىقارغان <ئىسكرا گېزىتى> (52-ساندىن كېينكىسى) نى مېنشېۋىكلارنىڭ ئورگان گېزىتى قىلىۋېلىپ، ئاغمىچىلق كۆز قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، لېنىنى ۋە لېنىنىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، بولشېۋىكلارغا قارشى تۇرغان. تاكى 1905-يىلى 10-ئايغىچە چىقىرىلغان. لېنىننىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بولشېۋىكچە كونا <ئىسكرا گېزىتى> دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە ئىچىدە مېنشېۋىكلەر ئۆلاز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان <ئىسكرا گېزىتى> <يېڭى ئىسكرا گېزىتى> دەپ ئاتالغان.