Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
兴登堡
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
xìng dēng bǎo
خىندېنبۇرگ
دۇنيا تارىخى
ھىندېنبۇرگ
(1847 - 1934) گېرمانىيە مارشالى، ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1925 - 1934). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن تۇغۇلغان. ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى ۋە پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1903 - يىلى تۆتىنچى ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1914 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقىي پرۇسسىيە 8 - جىتۈەنجۈننىڭ قوماندانى بولغان. تاننېنبىرگ ئۇرۇشى ۋە مازۇر كۆلى ئۇرۇشىدا روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي سەپنىڭ قوماندانى بولغان ھەمدە مارشاللىققا كۆتۈرۈلگەن. 1916 - يىلى 8 - ئايدا باش شتاب باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولۇپ، شەرقىي سەپ ئۇرۇشى ۋە ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قومداندانلىق قىلغان. كېيىن يەنە گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قاتناشقان ۋە سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق مۇداخىلە ئۇيۇشتۇرغان. 1919 - يىلى 7 - ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەڭ ئالىي قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1925 - يىلى ۋە 1932 - يىللىرى ئوڭ قانات پارتىيىلەر ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات باشلىقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىكى قېتىم ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلىدە جاھانگىر ئۇنسۇرلار، خانپەرەسلەر ۋە فاشىستىك تەشكىلاتلارنى ئاشكارا قوللاپ، ئىزچىل ھالدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆچمەنلىك قىلغان. 1933 - يىلى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گىتلېرغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ھوقۇقىنى بېرىپ، گېرمانىيىدە فاشىستىك دىكتاتۇرا ئورناتقان. ئۇنىڭ <ھاياتىم> دېگەن ئەسىرى بار.