Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
兴德米特
ئىستېتىكا
xìng dé mǐ tè
ھىندېمىت (گېرمانىيىلىك)
دۇنيا تارىخى
ھىندېمىت
(1895 - 1963) گېرمانىيىلىك كومپوزىتور، دىرىژور، ئارا ئىسكىرىپكىچى. قول سانائەت خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. فرانكفورت مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، فرانكفورت تىياتىرىدا دىرىژور بولغان ھەمدە ئامار تار چالغۇلۇق تۆتلۈك مۇزىكا ئۆمىكىدە ئارا ئىسكىرىپكىچى بولغان. 1927 - يىلىدىن باشلاپ بېرلىن ئالىي مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەن. 1940 - يلى ئامېرىكىغا بارغان، 1951 - يىلى شۋېتسارىيىگە بارغان، ئىلگىرى - كېيىن يالې، سىيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. <ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان مۇزىكا> نى تەشەببۇس قىلىپ، مۇزىكىنىڭ ئىشلىتىلىش مەقسىتىنى تەكىتلىگەن؛ ئىجادىيەتتە يېڭى كلاسسىزمغا مايىل بولۇپ <تارىسىمان گارمونىيە> نى تەشەببۇس قىلغان. 20 - يىللاردىن كېيىن غەرب ھازىرقى زامان مۇزىكا ئېقىمدا ئۇنى ۋەكىل قىلغان، بەكمۇ تەسىرى بار بىر ئېقىم شەكىللەنگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ئوپېرا - <رەسسام ماتىس> ۋە <دۇنيانىڭ ئىناقلىقى>، ئۇسسۇللۇق تىياتىر - <ئەڭ ئالىيجاناپ خىيالىي كۆلەڭگە>، ناخشىلار توپلىمى - <مارىيەنىڭ ھاياتى> قاتارلىقلار بار.