Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
形成层
دېھقانچىلىق,ئورمانچىلىق
xíng chéng céng
ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتDئۆسۈملۈك
xíng chéng céng
شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتDتاشيول قۇرۇلۇشى
xíng chéng céng
شەكىللىنىش قەۋىتى ، ھاسىل بولۇش قەۋىتىDئۇنىۋېرسال
xíng chéng céng
شەكىللەنگەن قەۋەت
بىئولوگىيە
ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت
ياندىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىنىڭ بىرخىلى بولۇپ، يىلتىز، غول قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ياغاچلىق قىسمى بىلەن ئەۋرىشىملىك قىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدۇ. ئۈزۈپ ئېيتقاندا، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتتە پەقەت بىرقەۋەت ھۈجەيرە بولىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ئۆزىدىن ھاسىل بولۇپ تېخى دىففېرېنسىيىلەنمىگەن ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن بىرقانچە قەۋەت ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت غولغا پاراللېل بۆلۈنۈپ، ئىچكى قىسىمغا كېيىنكى ياغاچلىق قىسىمنى، سىرتقى قىسىمغا كېيىنكى ئەۋرىشىملىك قىسىمنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگان توملىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غولغا تىك بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقىنى چوڭايتىدۇ. ئۇ باغلام ئوتتۇرىسىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بىلەن باغلام ئارىلىقىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى ئىپتىدائىي ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتتىن قېپقالغان بولۇپ، دەسلەپكى قاناللار باغلىمىنىڭ ئىچكى قىسىمغا بەلباغ شەكلىدە تارقىلىدۇ؛ كېيىنكىسى پور سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلام ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىككى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت ئۆزئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ، پۈتۈن ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت كانايسىمان بولىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولغاچقا كېيىنكى ئۆسۈشنى ئېلىپ بارالايدۇ. بىراق بەزى سامان غوللۇق قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە پەقەت باغلام ئوتتۇرىسىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتلا بولۇپ باغلام ئارىلىقىدىكى ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى بولمايدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بولمايدىغان بولغاچقا ئۇلاردا كېيىنكى ئۆسۈش بولمايدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېيىنكى ئۆسۈشىدىكى ئەھۋال بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئەجدىھا دەرىخىنىڭ <ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى> نى ئوتتۇرا ئوق غىلاپىغا توغرا كېلىدىغان ھۈجەيرىلەردىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇ ئىچكى تەرەپكە قاراپ ئۇزىراپ قاناللار باغلىمى بىلەن نېپىز پوستلۇق توقۇلمىنى ھاسىل قىلىدۇ.