Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
心电反射
پسىخولوگىيە
پسىخىك ئېلېكترلىق رېفلېكس (ياكى رېئاكسىيە)
بۇنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى PGR بولۇپ، كىشى ھاياجانلانغاندا، ئىختىيارىسىز ھالدا يۈز بېرىدىغان بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش، ھاياجانلانغاندا كىشىنىڭ تېرىسى تەرلىگەنلىكتىن تېرىنىڭ توك ئۆتكۈزۈشتىكى قارىشلىق كۇچى تۆۋەنلەپ توكنى ياخشى ئۆتكۈزىدىغان بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە پسخىك ئېلېكترلىق رېفلېكس، بەزىدە «تېرە ئېلېكتر رېئاكسىيىسى» ياكى «تېرە پسىخىك ئېلېكترلىق رېئاكسىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھادىسە پسىخىك ئېلېكترلىق رېئاكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق توغرا ئۆلچەپ ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياجانلىنىشنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر خىل كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ قالغان. مەسىلەن : ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە بۇنىڭ بىلەن گۇماندارلىق سۆزىنىڭ راست - يالغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ. فرانسىيىلىك ۋېگورك
1879 - يىلى بۇ ھادىسىنى بىرىنچى بولۇپ بايان قىلغان. گېرمانىيىلىك نېرۋا ئالىمى ۋىراگۇت 1909 - يىلى بىرىنچى بولۇپ بۇ ئاتالغۇنى قوللانغان.