Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希腊罗马名人传
دۇنيا تارىخى
يۇنان - رىملىق مەشھۇر زاتلار تەرجىمىھالى
كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان تەرجىمىھالى يازغۇچىسى پلوتاركوس ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرى يازغان تەرجىمىھاللار توپلىمى. ئەسلى نامى <كىرىشتۈرمە تەرجىمىھال> بولۇپ، يۇنان - رىملىق مەشھۇر زاتلارنىڭ 50 پارچە تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 46 پارچىسى ئىسمى جىسىمغا لايىق كىرىشتۈرمە تەرجىمىھال بولۇپ، تۈرى بويىچە جەمئىي 23 يۈرۈش قىلىپ يېزىلغان. يەنى يۇنانلىق بىر مەشھۇر زاتنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن رىملىق يەنە بىر مەشھۇر زاتنىڭ تەرجىمىھالى بىرگە بېرىلىپ، ئاخىرىدا باھا بەرگەن. قالغان تۆت پارچىسى يەككىلەر تەرجىمىھالى قىلىپ يېزىلغان. ھەربىر تەرجىمىھالى ئومۇمەن يۇنان يىلنامە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان. ئاپتورنىڭ بۇ تەرجىمىھالنى يېزىپ چىقىشىدىكى مەقسىتى كونكرېتنى شەخسلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىكا ئىدىيىسىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. ئەسەردە گەرچە مىش - مىش گەپلەر ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى قەدىمكى زامان يۇنان ۋە رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم يازما ھۆججەت دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەسەرنىڭ سۆز - ئىبارىلىرى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، قىستۇرما شەكىلدە بايان قىلىنغان، جانلىق ھەم نەپىس. ئەدبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىن تاكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغىچە بولغان مەزگىلدە، غەربىي ياۋروپادا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگۈن بولۇپ تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ كەلمەكتە. كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدە بۇنى خام ماتېرىيال قىلىپ كەلگەن.