Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希腊独立战争
دۇنيا تارىخى
گرېتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشى
گرېتسىيە خەلقنىڭ ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1821 - يىلى 3 - ئايدا، گرېتىسينىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇھاجىرلىرى مەخپىي تەشكىلاتى <دوستلۇق جەمئىيىتى>نىڭ يولباشچىسى ئاكا - ئۇكا يىپىسلانتلار (1792 - 1828، 1793 -1832) مولدوۋادا قوزغىلاڭ قىلغان، گرېتسىيە خەلقى تەرەپ - تەرەپتىن ئاۋاز قوشقان ھەمدە ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىلغار زاتلارنىڭ خەيرى - خاھلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوزغىلاڭچىلار ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بىر قىسىم رايونىنى ئازاد قىلغان. قوزغىلاڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى بەزى ئاراللارغىمۇ كېڭەيگەن. 1822 - يىلى قوزغىلاڭچىلار مىللىي پارلامېنت تەشكىللەپ، مۇستەقىللىك جاكارلاپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىققان.كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدىكى ماجرا ۋە تۈركىيىنىڭ مىسىرنى قوراللىق مۇداخىلە قىلىشقا قۇترىتىشى تۈپەيلىدىن، كۈرەشتە بىر قەدەر زور ئەگرى - توقايلىق بارلىققا كەلگەن. 1827 - يىلى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مىللىي پارلامېنت چاقىرىلىپ، كاپودستىرىيىنى جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلىغان. شۇيىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، گرېتسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان. ناۋارىنو دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە - مىسىر فلوتىنى تارمار قىلغان. 1828 - 1829 - يىللىرى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى يەنە پارتلاپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1829 - يىلى <ئادرىئانوپول سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور بولغان