Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希腊
دۇنيا تارىخى
يۇنان
بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي، ئېگېي دېڭىزى ئاراللىرى ۋە كىچىك ئاسىيا دېڭىز بويىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننىڭ نامى. قەدىمكى گرېكلار بۇ رايونغا تارقالغان ۋە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىرمۇنچە شەھەر دۆلەتلىرى (شەھەر ئىتتىپاقى) نى بەرپاقىلغان. بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆزى (گرېتسىيە يېرىم ئارىلى) دىكى زېمىنى تەبىئىي ئەھۋالغا قاراپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: شىمالىي قىسمى فىسالىيە ۋە ئىپروسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ ئوتتۇرا قىسمى ئىتولىيە، بېئوتىيە، ئانتىكا قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ جەنۇبىي قىسمى پېلوپوننېس دەپ ئاتىلىپ، ئاركادىيە، مېسنىيە، لاكونىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېگېي دېڭىزىدا چوڭ - كىچىك جەمئىي 400 دىن كۆپرەك ئارال بولۇپ، كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى ئىئولىيە ۋە ئىئونىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئاھالىلەر پېلاسگىلار دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئەتراپىدا شىمالىي تەرەپتىن ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ جايغا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بۇلار كېيىن ئاخىيلار، ئىئونىيلار، ئىئولىيلار ۋە دوريانىلار دەپ ئاتالغان. ئۇلار قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى (بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللار ۋە كىچىك ئاسىياغا تارقالغان) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 3000 - 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللىرىدىكى كرىت مەدەنىيىتى - برونزا مەدەنىيىتىگە تەۋە مەدەنىيەت. ئالدىنقىسى ئاۋۋال كرىت ئارىلىغا كىرگەن غەيرىي يۇنان تىلىدىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولۇپ، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇشقا باشلاپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان؛ كېيىنكىسى يۇنان تىلىدىكى ئاخىيلار ياراتقان بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅢ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدە دۆلەت قۇرۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. بۇ ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. دوريانىلارنىڭ جەنۇبقا قاراپ كۆچۈشى بىلەن، قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈم يۇناندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ - Ⅺ ئەسىردىكى گومېر دەۋرىدە يۇناندا ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلىشكە قاراپ يۈز تۇتۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ ئۆتۈشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅷ ئەسىرلەردە تۆمۈر قوراللار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى باي - كەمبەغەلگە بۆلۈنۈشنى تېزلەتكەن. ئاخىر سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ تىكلىنىشىگە ئېلىپ كەلگەن. تۈركۈم - تۈركۈم قۇللۇق تۈزۈمدىكى شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن؛ نۇرغۇن شەھەر دۆلەتلىرى كولونىيە (ئاھالە كۆچۈرۈش) چىلىكىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي ھەمدە قارا دېڭىز بويلىرى ئەتراپىدا بىر تۈركۈم كولونىيىلىك شەھەرلىرىنى قۇرۇپ، رايونلار ئارا مال ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. جەنۇبىي يۇناندىكى سپارتادا ئاقسۆڭەك ئولگارخلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشقا شەھەر دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سپارتانى باش قىلغا پېلوپوننېس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. ئوتتۇرا يۇناننىڭ ئانتىكا رايونىدىكى ئافىنادا ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش داۋامىدا، سولون ۋە كلىستېننىڭ بىر قاتار ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى قۇلدارلارنىڭ دېموكراتىك سىياسىتى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى پېرسىيىنىڭ تاجاۋۇزى (يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى) نى مەغلۇپ قىلىپ، ئافىنا باشچىلىقىدا دېلوس ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان؛ بۇ ئىتتىپاق ئافىنانىڭ دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن ھەمدە ئاخىر بېرىپ ئافىنانىڭ باشقا ئاجىز ئىتتىپاقچى شەھەر دۆلەتلىرىن باستۇرۇشىدىكى قورالىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە يۇنان قۇللۇق تۈزۈم ئىگىلىكى، بولۇپمۇ قول سانائىتى بىلەن سودىسى (ئىچكى - تاشقى سودىسى) جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، دېموكراتىك سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ گۈللەپ - ياشنىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت ۋە سپارتا بىلەن ئافىنا ئوتتۇرىسىدا گرېتسىيىگە بولغان زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى سپارتا بىلەن ئافىنا ئۇرۇش (پېلوپوننېس ئۇرۇشى) قىلغان. باشقا كۆپلىگەن شەھەر دۆلەتلىرىمۇ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر ۋەيرانىچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ئۇرۇش ئافىنانىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلىشىپ، دېلوس ئىتتىپاقىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك كرىزىسنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئافىنا بىلەن سپارتا داۋاملىق ئۇرۇشۇپ تۇرغان. پېرسىيە پادىشاھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گرېتسىيىنىڭ ئىكچى ئىشلىرىغا ئارىلاشقان؛ بۇ مەزگىلدە تىببېس (ئوتتۇرا گرېتسىيىنىڭ بىئوتىيىدە) بىر مەھەل باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، سپارتاغا قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن خېرونېيە جېڭىدە يۇنان مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۇنان شىمالدىكى قوشنىسى بولغان ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ماكىدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن يۇنانلىشىشى دەۋرى (مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى مىسىر رىم تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىغىچە بولغان ۋاقىت) گە قەدەم قويغان؛ بۇ مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ئالېكساندرىيە (مىسىردىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرى) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى سودا - سانائەت ۋە ئىلىم - پەن، مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى يۇناننىڭ ئۆزىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى رايون خاراكتىرلىك ئىتتىپاق - ئىتولىيە ئىتتىپاقى (ئوتتۇرا يۇناندا) بىلەن ئاخىيە ئىتتىپاقى (جەنۇبىي يۇناندا) تەشكىل قىلىنىپ، ماكىدونىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ قالماقچى بولغان، بىراق يۇناننى زاۋاللىقتىن ساقلاپ قالالمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رىم كەڭ كۆلەمدە شەرققە قاراپ كېڭىيىپ، مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى، ماكىدونىيە پادىشاھلىقىنى ئىستېلا قىلغان، يۇنان مەغلۇپ بولغان، مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى، كورىنتوس قولدىن كېتىپ، ئاخىر گرېتسىيە رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى راۋاجلانغان شەھەر دۆلەتلىرى (ئافىنانى ئاساس قىلغان)، قۇللۇق تۈزۈمى ئاساسىدىكى مول، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ياراتقان. رىۋايەت - ئەپسانە، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم - پەن، پەلسەپە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى بىلەن قەدىمكى رىم دۇنياسى ۋە كېيىنكى ياۋروپاغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. <يۇنان مەدەنىيىتى قەدىمكى زامان> غا قاراڭ.
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
گرېتىسىيە
ھىللونلارنىڭ ئولتۇراق جايى
بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا، يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دۆلەت. گرېتسىيىسىدە تاغلىقلار، ئارال، يېرىم ئاراللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئولىمپىك تېغىنىڭ ئېگىزلىكى 2917 مېتىر بولۇپ، دۆلەت بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ئىقلىمى سۇبتروپىك يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، قىشلىقى يىللىق كۆپ يامغۇرلۇق، يازلىقى ئىسسىق قۇرغاق كېلىدۇ. ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 5℃، جەنۇبتا 11℃ بولىدۇ. 7 - ئايلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالدا 25℃، جەنۇبتا 27℃ كېلىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، غەربىي شىمالدىكى ئايرىم جايلاردا 1000 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ. گرېتسىيىنىڭ يەر مەيدانى 132 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاراللارنىڭ مەيدانى 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 9 مىليون 706 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، بۇنىڭ 98% نى گرېكلار، قالغىنىنى تۈرك، ماكىدون، بولغار قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. پراۋوسلاۋىيە دىنى دۆلەت دىنى، گرېك تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گرېتسىيە ياۋروپا بويىچە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىرلەردە خلى گۈللەنگەن. گرېتىسىيە خەلقى قۇرۇلۇش - بىناكارلىق، مۇزىكا، ئاسترونومىيە، تىياتىر، پەلسەپە، دوختۇرلۇق ھەم پەننىڭ باشقا ساھەلىرىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 146 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان، 1396 - يىلى تۈرك ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1829 - يىلى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان. 1830 - يىلى مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان، 1941 - يىلى گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1944 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قايتا مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. 1973 - يىلى 6 - ئايدا گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. گرېتسىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. خەلق ئىگىلىكىدە سانائەتتىن بولىدىغان كىرىم ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. سانائەتتە مېتاللورگىيە، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، سۇلياۋ، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەكلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. گرېتسىيىنىڭ 1983 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كىشى بېشىغا 3800 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، شېكەر قومۇشى، تاماكا، ياغلىق زەيتۇن، كېۋەز، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ 30% يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ (1981)، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى پۈتۈن ئېكسپورتنىڭ 35% نى ئىگىلەيدۇ. گرېتسىيىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، ھەر يىلى گرېتسىيىگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان كىشىلەر 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ
گرېتسىيىنىڭ تولۇق نامى <گرېتسىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى قاراشلار ھەر خىل: بىرىنچى، <گرېتسىيە> سۆزى گرېك تىلىدا<ھىللونلار ئولتۇراقلاشقان رايون> دېگەن مەنىدە. بۇ نام ئەڭ دەسلەپ پەقەت ساسسانىيە رايونىنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنىلا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كېيىنچە كېڭىيىپ ئوتتۇرا گرېتسىيە، ھەتتا گرېتسىيىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كۆرسەتكەن. گرېكلار قەدىمدە ئۆزلىرىنى ئارىئوشلار ياكى دارىئوسلار دەپ ئاتاپ، كېيىنچە ئاندىن ئۆزىنى گرېكلار، دۆلىتىنى گرېتسىيە دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان، پۈتكۈل گرېك (يۇنان) قەبىلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ گرېكلار دەپ ئاتاشقا ئىشلىتىلگەن بۇ ئورتاق نام ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - 8 - ئەسىرلەردە ئاندىن پەيدا بولغان. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىنگلىزچە Greece نامى ئىتالىيان تىلىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ نام قەدىمدە ھازىرقى گرېتسىيىنىڭ غەربىي شىمالىي ۋە ئالبانىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان باشقا بىر قەبىلىنىپ نامىدۇر. بۇ قەبىلە نامى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، مەنىسى <ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم> بولىدۇ، ئىتالىيە بۇ نامنى پۈتكۈل گرېتسىيە دۆلىتىنى ئاتاشقا ئىشلەتكەن، كېيىن ھەر قايسى ياۋرۇپا ئەللىرىمۇ شۇنداق قوللانغان؛ ئىككىنچى، ئۆتمۈشتە رىملىقلار گرېكلارنى ئىزچىل ھالدا Greeci لار، بالقان رايونىنى Graecia (گېرىسلارنىڭ دۆلىتى) دەپ ئاتىغان، چۈنكى بۇ لاتىنچە نامنى ھەر مىللەت نامى ھە يەر نامى قىلىپ ئىشلەكىلى بولغاچقا، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىنگلىزچە دۆلەت نامى <گرېتسىيە> دەل ئاشۇ لاتىنچە يەر نامى <گرېسىيە Graecia> دىن ئېلىپ قويۇلغان. گرېتسيە ياۋرۇپادىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىر ئۇنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رام ئىمپېرىيىسى، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، تۈرك ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1829 - يىلى تۈركلەر گرېتسىيىنى ئاپتونۇم كېنەزلىك دەپ ئېتىراپ قىلغان. 1830 - يىلى گرېتسىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھەمدە گرېتسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1973 - يىلى 6 - ئايدا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتكەن. 1974 - يىلى 12 - ئايدا ئۇمۇمىي خەلق بېلەت تاشلاپ، دۆلەت سياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتكەن.
گىرىتىسيىنىڭ يەر مەيدانى 131.99 مىڭ كۋادرات كىلومتىېر، ئاھالىسى 10 مىليون 350 مىڭ. بۇنىڭ 90%ى گرىكلار پروسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى ئافېنا، پۇل بىرلىكى دراخما.
ياۋروپادىكى قەدىمكى مەدەنىي دۆلەت - گرېتىسىيە 2700 يىلدىن ئارتۇق يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن تارىخقا ئىگە. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 146 - يىلىدىن بۇيان، مىلادىيە 1830 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ گرېتىسىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغانغا قەدەر چەت ئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن. 1833 - يىلى تۈزۈلگەن گرېتسىيە دۆلەت بايرىقى تۆت ئاق بەلدەم ۋە بەش بەلدەمدىن تەركىب تاپقان. ئۈستىدىكى سول بۇلۇڭغا ئاق كېرسىت قۇيۇلغان. بۇ بايراق ھەققدە ئىككى خىل قاراش بار: بىرىنچى قاراشتا بۇ بايراقنى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلەتكەن دېيىلگەن؛ يەنە بىر قاراشتا 1 - ئەۋلاد پادىشاھى ئوتتو Ⅰ ئۆز جەمەتى ئىشلەتكەن باۋادىيە خان جەمەتىنىڭ كۆك ۋەئاق رەڭلىك بايرىقى دېگەن. ئاق كېرسىت گرېكلارنىڭ دىنىي ئېتقادىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆك ۋە ئاق بەلدەم جەمئىي 9 بولۇپ، گرېكىلارنىڭ <ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە رازى> دېگەن قەتئىي ھەم قەدىمكى ئەقىدىسى ئىپادىلەنگەن، بۇ سۆز گرېكچە 9 بوغۇملۇق سۆزدىن تەركىب تاپقان.
دۆلەت گېربىدىكى سىزىقلار ئاددىي ۋە راۋان بولۇپ، خەلقنىڭ خېرسدىئانغا بولغان ساداقىتىنى ۋە تىنچلىققا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلىگەن، يېشىل زەيتۇن شېخى تېگى كۆك ئاق كرېسىتلىل قالقانسىمان گېربىنى ئوراپ تۇرغان. كۆك ۋە ئاق رەڭ گرېتىسىيە دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەڭ بولۇپ، ئاسمان بىلەن دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ پاك زېمىنغا سىمۋول قىلىنغان. گرېكىلەر زەيتۇننى تىنچىلىق ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى ئورنىدا كۆرىدۇ. رىۋايەتتە مايلىق زەيتۇننى گرېكلەر ئەك چوقۇنىدىغان ئىلاھەيادەننا تىككەن دېيىلگەن،ئەمما < ئىنجىل، كوناۋەسىيەتنامە> گە ئاساسلانغاندا زەيتۇن شېخى بىلەن كەپتەر تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ئامانلىقنىڭ ئەلچىسى دېيىلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
xī là
گىرېتسىيە، يۇنانستان، خىللاسDتارىخ
xī là
يۇنان