Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希吉来
تارىخ
xī jí lái
ھىجرەت، ھىجىرىيە
دۇنيا تارىخى
ھىجرەت
ئەرەبچە Hijrah نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <كۆچۈش>، <بېشىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. (1) ئىسلام دىنى تارىخىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مىلادى 622 - يىلى 9 - ئايدا مەككىدىن ياسىرىب (كېيىن مەدىنىگە ئۆزگەرتىلگەن) قا بارغان ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. كېيىن بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىككىنچى ئەۋلاد خەلىپە ئۆمەر شۇ يىلقى ئەرەب شەمسىيە يىلىنىڭ بېشىنى (مىلادى 622 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) ئىسلام كالېندارى (<ھىجرىيە>) نىڭ تۇنجى يىلنامىنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن. (2) ئىسلام دىنى تارىخىدا مىلادى 615 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەبەشىستانغا قاچۇرۋېتىش ۋەقەسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ