Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
西哥特王国
دۇنيا تارىخى
غەربىي گوت پادىشاھلىقى
گوتلارنىڭ غەربىي تارمىقى قۇرغان فېئودال پادىشالىق. مىلادى 401 - يىلى، غەربىي گوتلارئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى ئالارىك Ⅰنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن. 410 - يىلى 8 - ئايدا رىم شەھىرىنى ئىگەللەپ، ئۈچ كۈن تالان - تاراج قىلغان. ئالارىك ئۆلگەندىن كىيىن، غەربىي گوتلارگاللىيىنىڭ غەربىي جەنوبىغا كىرىپ، 419 - يىلى تۇلۇس شەھىرىنى پايتەخىت قىلىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان. ئېئۇرىك تەختتىكى مەزگىلىدە(466 - 484) زېمىنى گاللىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنوبىي قىسمىنى ھەمدە ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمى (غەربىي جەنۇب قىسمىلا سۇئېۋى پادىشاھلىقىنىڭ قولىدا ئىدى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئالارىك Ⅱ فرانك پادىشاھلىقى كلوۋى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ سېپتىمانىيە (رونا دەرياسىنىڭ ئېغىزىدىن پىرېنېي تېغىغىچە بولغان دېڭىز بويى رايونلىرى)دىن باشقا، گاللىيدىكى زېمىنى فرانكلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. Ⅵ ئەسرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېڭى پايتەختىنى تولېدو (ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا)شەھىرىدە تەسىس قىلغان. 544 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويى رايونلىرىنى بېسىۋالغان. لېئوۋىگىلد تەختتىكى مەزگىلدە (569 - 586)، تەخمىنەن 585 - يىلى سۇئېۋى پادىشاھلىقىنى قوشۇۋېلىپ ھەمدە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ئىگىلىۋالغان زېمىنىنى قايتۇرۋالغان. غەربىي گوتلار گاللىيە ۋە ئىسپانىيىگە كىرگەندىن كېيىن، رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرى تېز يىمىرىلگەن، ئاقسۆڭەك، خاس نۆكەر ۋە چېركاۋلارچوڭ يەر ئىگىلىرىگە، ئادەتتىكى ئۇرۇق ئەزالىرى بېقىندى دېھقانلارغا ئايلانغان. 711 - يىلى ئەرەبلەر ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، 714 - يىلى غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى يوقاتقان. غەربىي گوتلار شىمالدىكى ئاستۇرىيە رايونىغا چېكىنگەن، كېيىن بۇ رايون ئىسپانىيەنىڭ قولدىن كەتكەن رايونلارنى قايتۇرۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى بولۇپ قالغان.