Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
协作
دۇنيا تارىخى
ھەمكارلىق
ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش شەكلى. ئاددىي ھەمكارلىق ۋە مۇرەككەپ ھەمكارلىق دەپ ئايرىلىدۇ. ئاددىي ھەمكارلىق بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورتاق ئەمگەك قەريانىدا، ئوخشاش خىلدىكى مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوخشاش بىرخىل قۇرۇلۇش ياكى ئىش تەرتىپىنى ھەمكارلىشىپ تاماملىشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇرەككەپ ھەمكارلىق بولسا ئىش تەقسىماتى ئاساسىي ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەمكارلىشىپ ئەمگەك قىلىشتىن، ئالايلۇق، كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىش تەرتىپى بىلەن ئايرىم - ئايرىم شۇغۇللىنىپ، بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت. ئەمگەكنىڭ ماكان دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىقتىساد قىلىپ، مۇرەككەپ ئەمگەك جەريانىدا، ئەمگەك ۋە قورال - سايماننى مەخسۇسلاشتۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرخىل يېڭى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا باغلىق بولىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ھەمكارلىقى، ئىپتىدائىي جامائە مۈلۈكچىلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۇرۇق ئەزالىرى ئارىسىدىكى باراۋەر، ئۆزئارا ياردەم قىلىدىغان ھەمكارلىقتىن ئىبارەت. قۇللۇق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى ھەمكارلىق، قۇلدارلار ۋە فېئوداللار مۈلۈكچىلىكىنى ۋە قۇل ھەم دېھقانلارنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق غايەت زور قۇرۇلۇشلاردا كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلغان. كاپىتالىستىك ھەمكارلىق ياللانما ئەمگەكنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كاپىتالىستىك ئاددىي ھەمكارلىق، ئىشخانا قول سانائىتى ۋە چوڭ زاۋۇت قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ياراتقان. سوتسىيالىستىك ھەمكارلىق سوتسىيالىستىك ئومۇم مۈلۈكچىلىك ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، ئۆزئارا ياردەم قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ، تاۋار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ زور ئەۋزەللىكنى نامايەن قىلماقتا.
ئېلېكترون، ئۇچۇر
xié zuò
ھەمكارلىق، ھەمكارلاشماقDپوچتا - تېلېگراف
xié zuò
ھەمكارلىق، ھەمكارلىشىشDئۇنىۋېرسال
xié zuò
ھەمكارلىق، ھەمكارلاشماق، ھەمكارلىشىپ ئىشلىمەك
Dپۇل - مۇئامىلە
xié zuò
ھەمكارلىقDقانۇن
xié zuò
ھەمكارلىشىشDكومپيۇتېر
xié zuò
ھەمكارلىشىشDسودا
xié zuò
ھەمكارلىشىش