Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希尔奎特
دۇنيا تارىخى
ھىلكۋىت
(1869 - 1933) ئامېرىكا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئوڭ قانات رەھبەرلىرىدىن بىرى. لاتۋىيىنىڭ رىگادا تۇغۇلغان. 1886 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، كېيىم - كېچەك زاۋۇتى ئىشچىسى بولغان. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا قانۇن ئوقۇغان. 1893 - يىلدىن تارتىپ نيۇ - يورك شەھىردە ئادۋوكات بولغان. 1888 - يىلى سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسىگەقاتناشقان، كېيىن دېلېئونغا قارشى چىقىپ، بۇ پارتىيىنىڭ بۆلۈنۈشىگە (1899) سەۋەب بولغان؛ 1901 - يىلى ئۇ رەھبەرلىك قىلغان سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى مۆتىدىللەر گۇرۇھى بىلەن دېبىس قۇرغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغان. كېيىن روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى ئىنكار قىلغان. سولچى پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پارتىيىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. 1924 - يىلى تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسىدىن بولغان لافوللېتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىنى قوللىغان. ئىككى نۆۋەت نيۇ - يورك شەھەر باشلىقى، بەش نۆۋەت پارلامېنت ئەزالىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ غەلىبە قىلالمىغان. ئۇنىڭ: <ئامېرىكا سوتسىيالىزمى تارىخى>، <سوتسىيالىزملىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت> ۋە <ماركستىن - لېنىنغىچە> ناملىق ئەسەرلىرى بار.