Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
蝎
ئۇنىۋېرسال
xiē
چايان؛ سېرىقئېشەك
پاتمىچۇق
چايان ئەترىتدىكىلەر
بىئولوگىيە
چايان
سېرىقئېشەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆمۈچۈكلەر سىنىپىغا كىرىدۇ. بەدەن سىرتىنى يۇقىرى دەرىجىدە خىتىنلاشقان قاتتىق پوستى قاپلاپ تۇرىدۇ. باش كۆكرەك قىسمى قىسقا، باش كۆكرەك قالقىنى بار. ئامبۇر پۇتى ۋە پۇت بۇرۇتچىلىرىمۇ ئامبۇرغا ئوخشايدۇ. بىراق ئامبۇر پۇتى قىسقىراق، پۇت بۇرۇتچىلىرى كۈچلۈكرەك. قورساق قىسمى ئالدىنقى قورساق قىسمى ۋە كېيىنكى قورساق قىسمى دەپ بۆلۈنىدۇ؛ ئالدىنقى قورساق قىسمىدىكى يەتتە بوغۇم نىسبەتەن كەڭ ھەم ياپىلاق؛ كېيىنكى قورساق قىسمى ئېنچىكىرەك ھەم ئۇزۇن، يەتتە بوغۇم، ئالدىغا قاراپ ئىگىلەلەيدۇ، ئاخىرقى بوغۇمى ئىلمەك بولۇپ قۇيرۇق تىكەنچىسى (نەشتىرى) دېيىلىدۇ. قۇيرۇق تىكەنچىسىنىڭ ئىچىدە زەھەر بېزى بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك زەھەرلىك، ئادەملەرنى چېقىۋالسا بەزىدە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. قۇيرۇق تىكەنچىسى سېرىق ئېشەكنىڭ دۈشمەندىن قوغدىنىدىغان ۋە ئوزۇق تۇتىدىغان ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. كىتابسىمان ئۆپكە تۆشۈكى ئالدىنقى قورساق قىسمىدىكى 3 ~ 6 - بوغۇملارنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ ئىككى يېنىغا ھەر بوغۇمدا بىر جۈپتىن جايلاشقان. كۆپىيىش تۆشۈكى باش كۆكرەك قىسمىدىكى تۆتىنچى جۈپ رەسمىي پۇتىنىڭ تۈۋىنىڭ ئاستى تەرىپىگە ئېچىلغان، تۇخۇمى ئانا تېنىنىڭ ئىچىدە يېتىلگەچكە تۇخۇم تۆرەلمىلىك كۆپىيىشكە كىرىدۇ. قۇرغاق جاينى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندۈزى تاش پارچىلىرى، دەرەخ قوۋزاقلىرى قاتارلىقلارنىڭ تېگىدە ياكى توپا ئۆرەكلىرىدە يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇ گۆشخور ھايۋانلارغا تەۋە، ئاساسلىقى ھاشارات، ئۆمۈچۈك ۋە كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارنى يەيدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق جايلىرىنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان. خېنەن قاتارلىق جايلاردا كۆپلەپ سۈنئىي بېقىلىدۇ. جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە قۇرۇتۇلغان قۇرت تېنى دورا قىلىنىپ <تولۇق چايان> دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، زەھەرلىك، شامالداشنى قايتۇرۇش، تارتىشىپ قېلىشنى تېنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش رولىغا ئىگە.