Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希伯来人
دىن
xī bó lái rén
基
خىرىستيان دىنى
ئىبرى، ئىبرىلار، ئىبرانىي، ئىبرانىيلار
تارىخ
xī bó lái rén
ھېبېرىيلار، ھېبرايلار
دۇنيا تارىخى
يېۋرېيلار
ئىسرائىللار ياكى يەھۇدىيلارنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. ھاپىرۇلارنىڭ بىر تارمىقى (سەمېت <سام> تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ). <تەۋرات> تىكى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋرائام (ئىبراھىم ئەلەيھىسالام) يېۋرېيلارنى باشلاپ مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىن (ئۇر شەھىرىدىن) پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. پەلەستىننىڭ ئەسلىدىكى ئاھالىسى بولغان كەنئانلىقلار ئۇلارنى <يېۋرېيلار> دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ مەنىسى <ئۇ قىرغاقتىن كەلگەنلەر> دېگەن بولىدىكەن. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېۋرېيلار كەنئانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىر پەيدىنپەي بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا ئىسرائىلىيە - يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلىپ، ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا - ئارقىدىن ئاسسۇرىيە، يېڭى بابىلون، ماكىدونىيە، رىم ئىمپېرىيىسى قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېقىندۇرۇۋېلىنغان. ئىچكى جەھەتتىكى باي ۋە كەمبەغەلگە بۆلۈنۈش ۋە يات مىللەتلەرنىڭ قۇل قىلىشغا قارشى كۈرەش قىلىش داۋامىدا، تەڭرى يەھۋاغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت بىر خۇدالىق دىنى شەكىللەنگەن. Ⅰ، Ⅱ ئەسىرلەردە رىم ئىمپېرىيىسىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭچىلار ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغانلىقتىن، ئۇلار ياقا يۇرتلارغا مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشكە مەجبور بولغان؛ دەسلەپ كىچىك ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ياۋروپالارغا تارقاپ كەتكەن. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە يەنە ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا داۋاملىق تارقىلىپ تۇرغان. <پەلستىن (قەدىمكى زامان)> غا قاراڭ.