Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
细胞遗传学
بىئولوگىيە
ھۈجەيرە گېنېتىكىسى
خروموسومنىڭ نەسلىگە ئۆتۈش تەلىماتىغا ئاساسەن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سىتولوگىيە بىلەن گېنېتىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىرسىيەت ھادىسلىرىنى ئاساسەن سىتولوگىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بولۇپمۇ خروموسومنىڭ سانى، تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىپادىلىنىش تىپىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ئاساسەن، خروموسومنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈش ۋە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش جەريانىدىكى ھەرىكىتى، خروموسومنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭ گېنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە قايتا گۇرۇپپىلىشىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 60 - يىللاردىن كېيىن، ھۈجەيرە گېنېتىكىسى يەنە تەرەققىي قىلىپ بىر قاتار يېڭى تارماق پەنلەرگە بۆلۈندى. بۇلار: تەن ھۈجەيرە گېنېتىكىسى (ئاساسەن تەن ھۈجەيرىسىنى بولۇپمۇ تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈلگەن تەن ھۈجەيرىسىنىڭ ئىرسىيەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ)، ھۈجەيرە مولېكۇلا گېنېتىكىسى (ئاساسەن )ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن DNA نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە نۇسخىلىنىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، خروموسومنىڭ سۇپ مىكروسكوپىك تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ(، ھۈجەيرە تەدرىجىي تەرەققىيات گېنېتىكىسى )ئاساسەن خروموسومنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ھەسسىلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تۈرلەرنىڭ شەكىللىنىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ(. ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى گېنېتىكىسى )ئاساسەن ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىرسىيەتلىك تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ.( مېدىتسىنا ھۈجەيرە گېنېتىكىسى )خروموسومنىڭ غەيرىي نورمال ئۆزگىرىشى بىلەن ئىرسىيەتلىك كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ( ۋە باشقىلار.
تېببىي
xì bāo yí chuán xué
ھۈجەيرە ئىرسىيەت ئىلمى، ھۈجەيرە گېنېتىكىسىDتەنتەربىيە
xì bāo yí chuán xué
ھۈجەيرە گېنېتىكىسى، ھۈجەيرە ئىرسىيەتشۇناسلىقىDئورمانچىلىق
xì bāo yí chuán xué
ھۈجەيرە ئىرسىيەتشۇناسلىقىDمائارىپ
xì bāo yí chuán xué
ھۈجەيرە گېنېتىكىسىDدېھقانچىلىق
xì bāo yí chuán xué
ھۈجەيرە ئىرسىيەت ئىلمىDئۇنىۋېرسال
xì bāo yí chuán xué
سىتوگېنېتكا؛ ھۈجەيرە ئىرسىيەتشۇناسلىقى