Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
西班牙一八一二年宪法
دۇنيا تارىخى
ئىسپانىيىنىڭ 1812 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى
1812 - يىلى ئىسپانىيىنىڭ گادىس پارلامېنتىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئاساسىي قانۇن. 1808 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭ زور كۆپ قىسىم زېمنىنى ئىشغال قىلغان. 1810 - يىلى 9 - ئايدا لېئون ئارىلىدا چاقىرىلغان ئىسپانىيە پارلامېنتى 2 - يىلى 2 - ئايدا گادىسقا يۆتكەلگەن. 1812 - يىلى 3 - ئايدا، پارلامېنت ئاساسىي قانۇننى ماقۇللىغان. ئاساسىي قانۇن جەمئىي 334 ماددا بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىسپانىيە مونارخىيىلىك ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت بولىدۇ، پارلامېنت بىر پالاتالىق بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا ئەرلەرنىڭ ئومۇمىي سايلام ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ؛ كورۇلنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ ۋەزىرلەر پارلامېنت ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ دېموكراتىك يەرلىك مۇختارىيەت يولغا قويۇلىدۇ؛ پروگرىسسىيىلىك ئۆسۈپ بارىدىغان باج، مەمۇرىي مائارىپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛ دىنى ھۆكۈم قىلىش مەھكىمىلىرى، ئىچكى جايلاردىن چېگرا بېجى ئېلىش، چېركاۋلارنىڭ ئۆشرە - زاكات ئېلىشى ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى فېئوداللىق ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىنىدۇ؛ كاتولىك دىنىنى دۆلەت دىنى ۋە بىردىنبىر رۇخسەت قىلىنىدىغان دىن قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كېيىن فېرناندو Ⅶ تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.