Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
昔斑尼
دۇنيا تارىخى
شايبانى خان
(1451 - 1510) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبىك شايبانىلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىخاننىڭ ئەۋلادى. 1500 - يىلى ئۆزبىكلەرنى باشلاپ شىمالدىن ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىرىپ، سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ، تېمۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شايبانىلار خاندانلىق(1500 - 1598)نى قۇرغان. 1505 - يىلى خارەزمنى تارتىۋالغان. 1507 - يىلى ھېراتنى بېسىۋېلىپ تېمۇر ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. 1015 - يىلى تېمۇرنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى، فەرغانە ھۆكۈمرانى بابۇر بىلەن سافى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىسمائىل Ⅰ نىڭ بىرلەشمە ئارمىيسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، مەرۋدە ئۆلتۈرۈلگەن.