Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
消化系统
بىئولوگىيە
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى
ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ھايۋانلار دائىم ئوزۇقلىنىپ، ئوزۇقلۇقتىن ئېنېرگىيىگە ئېرىشىپ ھەر خىل ھايات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشقا، شۇنداقلا ئوزۇقلۇقتىن خام ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ ئۆز بەدىنىنى تۈزۈشكە ۋە خورىغان ياكى بۇزۇلغان توقۇلمىلىرىنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق. ھەرقانداق ئوزۇقلۇق بەدەن تەرىپىدىن پايدىلىنىشتىن ئىلگىرى ھەزىم قىلىش رولىدىن ئۆتۈپ چوڭ مولېكۇلىلار كىچىك مولېكۇلىلارغا، ئېرىمەيدىغان ماددىلار ئېرىشچان ماددىلارغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا ناھايىتى ئىنچىكە دىففېرېنسىيىلەش (پارچىلاش) دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى ھەزىم قىلىش يولى ۋە ھەزىم قىلىش بەزلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئالدىنقىسى يەنە ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە مەقئەتلەرگە بۆلۈنىدۇ، كېيىنكىسى بولسا، شۆلگەي بەزلىرى، ئاشقازان بەزلىرى، ئۈچەي بەزلىرى، جىگەر، ئۇيقۇ بېزى (ئاشقازان ئاستى بېزى) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى
Dئادەم ئاناتومىيىسى
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىDدېھقانچىلىق
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىDئورمانچىلىق
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سېستىمىسىDتېببىي
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ھەزىم سىستېمىسىDتەنتەربىيە
xiāo huà xì tǒng
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى