Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
暹罗国
دۇنيا تارىخى
سىيام دۆلىتى
(1) جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا قەدىمكى تايلاندنىڭ نامى. بۇرۇن سىيام ۋە لاۋو دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كېيىن ئىككى دۆلەت قوشۇلۇپ، سىيام دۆلىتى دەپ ئاتالغان. سىيام دېگەن نام ھەققىدە، <مىڭ سۇلالىسى تارىخى. چەت ئەل تەزكىرىسى>دە 1377 - يىلى (مىڭ سۇلالىسى خوڭۋۇنىڭ 10 - يىلى) مىڭ خاندانلىقى <سىيام پادىشاھىغا تامغا> ئىنئام بەرگەندىن باشلاپ قوللىنىلغان ياكى ⅢⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى جۇداگۇەن يازغان <كېخمىرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى>دە ئالدى بىلەن كۆرۈلگەن دېيىلىدۇ. (2) تايلاندنىڭ كونا نامى. 1939 - يىلى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سىيام دېگەن كونا نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1949 - يىلى 8 - ئايدا يەنە تايلاند دەپ ئۆزگەرتىلىپ تاھازىرغىچە مۇشۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە.