Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
乡药集成方
دۇنيا تارىخى
يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلەر توپلىمى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تېببىي كىتاب. 1443 - يىلى (شىزۇڭ 25 - يىلى) يۈشياۋتۇڭ، لوجۇڭلى، پياۋ يوندې قاتارلىقلار تاڭ، سۇڭ، يۈەن، ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تېببىي كىتابلارنى كورىيە ۋە لى سۇلالىسىدىكى تېببىي كىتابلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىققان. بۇ كىتاب جەمئىي 85 توم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى <يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى> دېگەن 10 تومىدا يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى (چاۋشيەندە چىقىدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرى) بىلەن ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالاش بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب چاۋشيەننىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا ئىگە بولغان تېببىي كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.