Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
相互诱导
پسىخولوگىيە
ئۆزئارا ئىندۇكسىيە
بۇ نېرۋا جەريانىدىكى قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىشنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدە ئىپادىلەنگەن تۈرلۈك ھادىسىلەردىن ئىبارەت. بۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر: بىر ۋاقىتتىكى ئىندۇكسىيە، مۇسبەت ئىندۇكسىيە ۋە مەنپىي ئىندۇكسىيە، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىسىدا بىرخىل نېرۋا جەريانى پەيدا بولغاندا، بۇ نۇقتىغا تۇتاشقان رايوندا بۇ جەريانغا قارىمۇ قارشى نېرۋا جەريانى يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ بىر ۋاقىتتىكى ئىندۇكسىيە دېيىلىدۇ. بۇ خىل ئىندۇكسىيە چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلار ئارىسىدا، ھەر قايسى رايونلار ئارىسىدا ياكى چوڭ مېڭە پوستلىقى بىلەن پوستلاق پوستلاق ئاستى قىسىملىرى ئارىسىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى مەلۇم بىر نۇقتا ياكى مەلۇم رايوندا بىر خىل نېرۋا جەريانى توختىغاندىن كېيىن، نۇقتا ياكى رايون ئىچىدە قارىمۇ قارشى نېرۋا جەريانى يۈز بېرىشى مۇمكىن. مانا بۇ ئارقىمۇ ئارقا ئىندۇلسىيە دېيىلىدۇ. بىر ئورۇندىكى تورمۇزلىنىش باشقا بىر ئورۇندا قوزغىلىش پەيدا قىلسا، مۇنداق ئىندۇكسىيە مۇسبەت ئىندۇكسىيە دېيىلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ بىرەر قىسمىدىكى قوزغىلىش جەريانى قوشنا قىسىملاردا تورمۇزلىنىش جەريانى پەيدا قىلسا، مۇنداق ئىندۇكسىيە مەنپىي ئىندۇكسىيە دېيىلىدۇ.