Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
香附子
بىئولوگىيە
قىياق
قىياق ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر باغىرلىغۇچى يىلتىزسىمان غولى ۋە قارا رەڭلىك تۇخۇمسىمان تۈگۈنەك غولى بار. غولى تىك بولىدۇ، تارقىلىپ ئۆسىدۇ، ئۈچ قىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، يىپسىمان، يوپۇرماق غىلىپى قوڭۇررەڭ، تالاسىمان يېرىلىدۇ. ئورىغۇچى يوپۇرمىقى 2 - 3 تال، يوپۇرماقسىمان بولۇپ، گۈل رېتىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. باشاقسىمان گۈل رېتى بارماقسىمان تىزىلىدۇ؛ كىچىك باشىقى يىپسىمان بولۇپ، كىچىك باشاق ئوقىدا ئاق سۈزۈك قانات بولىدۇ. تەڭگىچىسى ئىككى رەت زىچ جايلىشىدۇ، قىزغۇچ قوڭۇررەڭ، بىر قانچە تال ئىنچىكە تومۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭ كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى چاسا يۇمىلاقتىن تۇخۇم شەكىللىككىچە بولۇپ، ئۈچ قىرى ۋە يۈزىدە ئۇششاق چېكىتلەر بولىدۇ. ئىسسىق بەلباغ ۋە مۆتىدىل بەلباغلارغا كەڭ تارقىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىمۇ تارقىلىدۇ. تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ، يەلنى رۋانلاشتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۆسۈملۈك
xiāng fù zǐ
يومىلاق غوللۇق قىياق، قىياقDئۇنىۋېرسال
xiāng fù zǐ
سىپېرۇس ئوتى؛ سۇھدى ھىندى، قىياق
Dدېھقانچىلىق
xiāng fù zǐ
سۇ ھىدى ھىندىDدېھقانچىلىق
xiāng fù zǐ
سۇ ھىدى ھىندى