Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腺苷三磷酸
بىئولوگىيە
ئادىنوزىن ترىي فوساات
قىسقىچە <ATP> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادېنوزىن دى فوسفاتنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى فوسفات كىسلاتاسى بىلەن ئانئورگانىك فوسفات كىسلاتاسىنىڭ پېر فوسفات بېغى ئارقىلىق تۇتىشىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى فوسفات كىسلاتا قالدۇقىغا α، β، γ، دەپ نومۇر قويۇلغان بولۇپ، β، γ دىن ئىبارەت ئىككى ئورۇندا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفو ئېستېر بېغى (P ~) بولىدۇ. گىدرولىزلانغاندا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفو ئېستېر بېغىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئېنېرگىيە(3.7 كىلو كالورىيە/ مول) ئادەتتىكى فوسفو ئېستېر بېغىنىڭكى (2 كىلو كالورىيە / مول) گە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئېنېرگىيىنىڭ جانلىقلار تېنىدە ئىشلىتىلىشى ۋە زاپاس ساقلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ يەنە مېتابولىزمنىڭ ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى ھەر خىل رېئاكسىيىلىرى ئارىلىقلىرىدا كوئېنزىم، بىرلەشتۈرگۈچى، ئاللوسترلىغۇچى بولۇپ، مېتابولىزمنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، مەسىلەن، ATP موسكۇللارنىڭ مېخانىك ئىش قىلىشنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارىلىق ماددا بولغاچقا ئاكتىن قىسقىرايدۇ، يەنە مەسىلەن، گلۇكوزىنىڭ فوسفاتلىشىش رېئاكسىيىسىنى كاتالىزلايدىغان گېكسوكىنازا فوسفات كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلىگۈچى بولىدۇ. ATP ۋە AMP ئارىلىقىدىكى رېئاكسىيىسىنى كاتالىزلايدىغان مىيوكنازا فوسفات كىسلاتا رادىكالىنى يۆتكەيدىغان توشۇغۇچىلىق رول ئوينايدۇ. ۋە جۈپلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر خىل رېئاكسىيىلەردە تەڭشەپ كونترول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ATP يەنە ئامىنو كىسلاتاسى، ماي كىسلاتالىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش قاتارلىق بىئولوگىيىلىك سېنتىزلىنىشلەرنى تېزلىتىشكە قاتنىشىدۇ.
ئورمانچىلىق
xiàn gān sān lín suān
ئادېنوسىنوز ئۈچ فوسفاتDئۇنىۋېرسال
xiàn gān sān lín suān
ئادېنوزىن ترىفوسفاتازا