Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
现代
دۇنيا تارىخى
ھازىرقى زامان
يەنى جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرى. تارىختا ئومۇمەن پرولېتارىياتنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ؛ 1917-يىلدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئىقتىسادىي شەرتنى ئاساس قىلىپ، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىر، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى جاھانگىرلىك شەكىللەنگەندە باشلانغان دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغانلارمۇ بار. دۇنيا ھازىرقى زامان تارىخىنى دەۋرگە بۆلۈشتە، بەزىلەر 1945-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىنى چېگرا قىلىپ، ئىككى دەۋرگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ بەزىلەر 1917-يىلى 11-ئايدا باشلاپ 30-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، 1945-يىلى 8-ئايغىچە، 60-يىللارنىڭ باشىلىرىغىچە، ھازىرغىچە دەپ تۆت باسقۇچقا بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان تارىخى ئادەت بويىچە 1919-يىلدىكى 4-ماي ھەرىكىتىدىن باشلىنىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
xiàn dài
ھازىرقى زامان، زامانىۋى، زامانىۋىلىق، يېڭى