Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خىيالىي ئىدراك
پسىخولوگىيە
幻觉
huàn jué
بۇ ئوبيېكتىپ تاشقى تەسىر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كىشى بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سەۋەبلەر، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىدىكى نورملسىزلىقتىن پەيدا بولغان نورمال بولمىغان ئىدراكتىن ئىبارەت.
خىيالىي ئىدراك خاتا ئىدراكقا ئوخشىمايدۇ. خاتا ئىدراك ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى توغرا ئىنكاس قىلماسلىق بولۇپ، ئۇ خاتا ئىنكاس قىلىنغان ئوبيېكتىپ، رېئال، بار نەرسە، خىيالىي ئىدراك يوق نەرسىنى كۆرىدۇ، ئاڭلايدۇ، پۇرايدۇ، يوق نەرسە ئۇچرايدۇ. خاتا ئىدراك نۇرغۇنلىغان نورمال ئادەملەرگە ئورتاق. ئۇنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق تۈزىتۋالغىلى بولىدۇ، خىيالىي ئىدراك پەقەت شۇنداق ئىدراك قىلغۇچىغىلا خاس بولۇپ، نورمال ئادەملەرگە نسبەتەن ئالغاندا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان قۇرۇق نەرسىدىن ئىبارەت.
خىيالىي ئىدراكنىڭ خىيالىي ئاڭلاش، خىيالىي كۆرۈش، خىيالىي پۇراق، خىيالىي تەم، خىيالى ئۇچراش تۈرلىرى بار. خىيالىي ئاڭلاش جىق ئۇچرايدۇ. نورمال كىشىلەردە بەزىدە ئۇخلاشقا باشلىغاندا، قاتتىق چارچىغاندا، مەسلىكتە ياكى روھىي جەھەتتىن ئارتۇقچە جىددىيلەشكەندە، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخولوگىيىلىك ھالىتىدە ئالاھىدە ئەھۋال تۇغۇلۇپ، خىيالىي ئىدراك يۈز بېرىدۇ.