Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خىگۇچى يىيې
دۇنيا تارىخى
木通口一叶
mù tōng kǒu yī yè
(1872 - 1896) ياپونىيىنىڭ ئايال يازغۇچىسى. بالىلىق دەۋرىدە ناخشا ۋە ماقالىگە قىزىققان، كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى ئەسەرلىرى رومانتىزم تۈسىنى ئالغان. كېيىنكى مەزگىللەردە توكيودىكى تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئورنىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپ يازغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئىچىدە <ئېقىن>، <ئون ئۈچ كېچە> ۋە <بالىق دەۋرى> قاتارلىقلار بار. كېيىن <يىيې ئەسەرلىرى> دىن يەتتە توم نەشر قىلىنغان.