Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەزىنە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەزىنە؛ بايلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىممەتلىك نەرسىلەر.
«كان» يەر ئاستى بايلىقىغا قارىتىلىدۇ.
«خەزىنە» توپلانغان بايلىققا قارىتىلىدۇ.
ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق. ھارام بايلىق قولدا تۇرماس. ساقلىقىم _ بايلىقىم. بايلىق قاچقاننى قوغلايدۇ، قوغلىغاندىن قاچىدۇ. بىزنىڭ ئەپتونوم رايونىمىز كانغا باي. بۈگۈن بازارىڭ ئاۋات ئىكەن، خەزىنە توپلا ياخشىلىقتىن سەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پۇل، ئالتۇن - كۈمۈش، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇس جاي؛ ئامبار.
بوۋاي خەزىنىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ھەممىسىنى خەلققە بۆلۈپ بېرىپتۇ.
بىرەر شەخس، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار؛ مەبلەغ؛ بايلىق.
- توي - خۇدانىڭ خەزىنىسى (ماقال).
گۈزەلشاھ كۆپچىلىككە ئەگەر بۇ بەسلىشىشتە يۈسۈپ غالىب كەلسە، 40 قېچىرغا خەزىنە يۈكلەپ يۇرتىغا قايتۇراي، - دەپتۇ.
كۆچمە. مەدەنىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار.
ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئاڭ - تۇيغۇ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقالايدىغان قىلىمەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
غەزىنە، غەزىنىخان، غەزىنىگۈل
بايلىق كانى، ئامبار