Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەتنىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئوغۇل بالىنىڭ چۇچىقىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان قىسمى ناھايىتى ئاز.
خەتنىلىك بالا. خەتنىلىك تۇغۇلماق.
ئى. يەتتە - سەككىز ياشلارغا كىرگەن ئوغۇل بالىلارنىڭ چۇچىقىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان يېرى.
خەتنىلىكنىڭ ئۇزۇن بولۇشى خەتنىلىك ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئاجرالمىلار ۋە كىرلەر خەتنىلىك ئاستىغا يىغىلىۋېلىىپ، شىللىق پەرسىلەرنى غىدىقلاپ قىچىشتۇرىدۇ.