Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەتمە قۇرئان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> دىن تاللانمىلار شۇنداق دېيىلىدۇ. خەتمە قۇرئان سۈرە فاتىھەنى؛ سۈرە بەقەرنىڭ 1 - دىن 5 - گىچە، 163 -، 255 - دىن 257 - گىچە 285 - ۋە 286 - ئايەتلىرىنى؛ سۈرە ئال ئىمراننىڭ 8 -، 9 -، 16 -، 26 -، 27 - ئايەتلىرىنى، سۈرە تەۋبەنىڭ 128 -، 129 - ئايەتلىرىنى ۋە 36 -، 37 -، 86 -، 87 -، 93 -، 94 -، 97 -، 99 -، 102 -، 103 -، 105 - دىن 114 - گىچە ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرخىل جايلاردا تاللانغان سۈرە - ئايەتلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. <چوڭ خەتمە قۇرئان> ۋە <كىچىك خەتمە قۇرئان> دەپ ئايرىلىدۇ. جۇڭگودىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ توي - توكۈن، ئۆلۈم - يېتىم مۇراسىملىرىدا ئاخۇنۇملار <قۇرئان كەرىم> نىڭ سۈرە - ئايەتلىرىنى قىرائەت قىلىدۇ. ھازىر مەلۇم بولۇشىچە، 1874 - يىلى ماليەنيۈەن <خەتمە قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى ۋە شەرھى> نى ئىشلىگەن. 1882 - يىلى يۈي خەيتىڭ <خەتمە قۇرئان> نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. جۇڭگونىڭ مەدرىسە تەربىيىسىدە <خەتمە قۇرئان> نى يادلاش - <قۇرئان كەرىم> نى تولۇق ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.