Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەندەك غازىتى
دۇنيا تارىخى
شەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى بىر قېتىمىلق جەڭ. مىلادى 627-يىلى مەككىدىكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئەبۇسۇفيان مۇھەممەدكە ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى كۈچلەردىن تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئوشۇق كىشى بىلەن بىرلىشىپ، مەدىنە شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان پارىس سەلماننىڭ تەكلىپى بويىچە شەھەر ئەتراپىدا خەندەك قېزىپ شەھەرنى مۇداپىئە قىلغان. مەككە بىرلەشمە قوشۇنى شەھەرنى تەخمىنەن 20 كۈن مۇھاسىرە قىلىپ، ئىچكى قىسىمدا زىددىيەت تۇغۇلغانلىقى ۋە ئاشلىق يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن قورشاۋىنى ئېلىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<بىرلەشمە قوشۇن غازىتى> غا قاراڭ.