Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خەلق ئەھدىنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى人民公约
rén mín gōng yuē
ⅦⅩ ئەسىردە ئەنگىليە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى يېڭى نەمۇنىچى ئارمىيىنىڭ ئەسكەرلىرى تۈزۈپ چىققان باراۋەرچىلەرنىڭ سىياسىي نۇقتىئەنەزىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆججەت. ئەھدىنامىدە پارلامېنت ۋەكىلىنىڭ سانىنى نوپۇسنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش؛ پارلامېنتتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، دىنى ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش، قانۇن جەھەتتە ھەممە كىشى باراۋەر بولۇش ۋە مەجبورىي ئەسكەر ئېلىشنى بىكار قىلىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يوقىتىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان، بۇ ئوفىتسېرلارنىڭ <ئارمىيىنىڭ تەكلىپ لايىھىسى> دە ئوتتۇرغا قويۇلغاننۇقتىئىنەزەرى بىلەن قارىمۇ قارشى ئىدى. 9164 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى نۇسخا ئېلان قىلىنىپ مالي ۋە ئاساسلىق پادىشاھپەرەسلەردىن باشقا يېشى 21 گە تولغانلىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش ۋە تاپاۋەت بېجىنى مال - مۈلكىگە قاراپ ئېلىشنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، بىراق باراۋەرچىلەر قوزغىلىڭى باستۇرۇلغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشمىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.